ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت > يۇمشاق دېتال تەۋسىيىسى > مەزمۇنى
YOZO Office (永中) 2012 ئۇبۇنتۇدا
ئېلان قىلىنغىلى274 كۈن بولدى / يۇمشاق دېتال تەۋسىيىسى / 42 پارچە ئىنكاس چۈشتى / كۆرۈلگىنى 1,891+

YOZO Office (永中) 2012 شەخسىيلەر نەشرىنىڭ لىنۇكس نۇسخىسى ئېلان قىلىنىپتۇ. بۇنى كۆرۈپ بەك خوش بولدۇم، چۈنكى YOZO Office (永中) 2010 نى ئۇبۇنتۇدا ئىشلەتكەن ۋاقتىمدا تولا قېتىۋالىدىغان، خەت نۇسخىسىنى چۇقۇق YOZO Office قا ئايرىم قوشۇپ ئاندىن ئىشلىتىدىغان (سىستېمىغا قاچىلىغان خەت نۇسخىسىنى بىۋاسىتە ئىشلىتەلمەيتتى) ئەھۋال بار ئىدى. ئىشلەتمەي دېسەم Microsoft Office بىلەن سىغىشچانلىقى بەك ياخشى ئىدى.

ئۇبۇنتۇدا بىر مەزگىل OpenOffice ياكى LibraOffice ئىشلىتىپ باققانلار بىلىدۇ. گەرچە بۇ ئىككى ئىشخانا دېتالى ئالامەت ياخشى بولسىمۇ، كۆپىنچە كىشىلەر يەنىلا Microsoft Office ئىشلەتكەچكە، Microsoft Office دا ئىشلەنگەن doc, docx, ppt ھۆججەتلىرىنى بىۋاسىتە OpenOffice ياكى LibraOffice دا ئاچقاندا، بەزى پەرقلەر كېلىپ چىقىدۇ.

مانا YOZO Office (永中) 2012 شەخسىيلەر نەشرىنى ئۇبۇنتۇغا قاچىلاپ ئىككى كۈن ئىشلەتتىم، ئۆزگىرىش كۆپ، ئارايۈزىگە Microsoft Office 2010 Ribbon ئىشلىتىلىپتۇ، ئۇيغۇرچىنى شۇنداق ياخشى قوللايدۇ. Microsoft Office ئىشلەنگەن ھەرقانداق ماتېرىيالنى ئاچساق ئەسلىدىكى بىلەن ئوخشاش.

YOZO Office (永中) 2012 لىنۇكس نۇسخىسىنى چۈشۈرۈش ئادرېسى:

https://www.yozosoft.com/person/

tar:https://www.yozosoft.com/download!download.do?productname=2012grbgz

rpm:https://www.yozosoft.com/download!download.do?productname=2012grbrpm

deb:https://www.yozosoft.com/download!download.do?productname=2012grbgzdeb

ئۇبۇنتۇ 11.10 ھەم بۇرۇنقى نەشرىنى ئىشلىتىۋاتقانلار ئەلۋەتتە deb بولىقىنى قاچىلاڭلار (قۇلايلىق). 32/64 بىتلىق سىستېمىلاردا نورمال ئىشلەيدۇ.
مەن قوش چېكىپ يۇمشاق دېتال مەركىزىدىن قاچىلىسام نورمال قاچىلانماي، dpkg -i بۇيرۇقى بىلەن قاچىلىدىم.

ئۇبۇنتۇ 12.04 دا deb بولىقى نورمال قاچىلانمىدى، شۇڭا tar بولىقىنى چۈشۈرۈش، يېيىم، يېيىلغان مۇندەرىجىگە تېرمىنال ئارقىلىق كىرىپ، sudo ./setup.sh بۇيرۇقى ئارقىلىق قاچىلىساڭلار بولىدۇ.

YOZO Office (永中) 2012 نىڭ ئىقتىدارى:

  • 永中表格
  • 永中文字
  • (永中简报 (幻灯
  • 永中 PDF 文档
  • 永中 Office 集成应

خەت يۆلىنىشىنى ئوڭدىن سولغا تەڭشەش ئۈچۈن، تەڭشەشكە كىرىپ ئۇيغۇر دېگەننى تاللىغاندىن كىيىن، دېتالنى قايتا قوزغاتساق، خەت يۆلىنىشى ئوڭدىن سولغا توغرىلىنىدىكەن. بىۋاسىتە توغرىلايدىغان يېرىنى تاپالمىدىم، بىلىدىغانلار ئىنكاس يازارسىلەر.

无觅相关文章插件,快速提升流量

ھازىرغىچە 42 پارچە ئىنكاس چۈشتى. بۇنىڭ ئىچدە: زىيارەتچىلەر قالدۇرغىنى: 6 پارچە، بېكەت ئىگىسى قالدۇرغىنى: 3 پارچە. دەلىللەنگىنى: 33

  1. شەربەت : 2012-يىل 16-مارت19:03 جاۋاب

    ناھايتى ياخشى بوپتۇ، ئالدىراش بولسىڭىزمۇ مۇشۇنداق ياخشى يازمىلارنى يوللاپ تۇرىۋاتىسىز، ئاللاھ قوللىرىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن، دوستۇم. مەن سىزنى ئۇلىنىشقا قوشۇپ قويدۇم :mrgreen: ئۇبۇنتۇ توغۇرلۇق بىلمىگەن يەر بولسا سىزنى ئاۋارە قىلىمەن جۇمۇ :lol:

  2. قارام ئنسان : 2012-يىل 16-مارت20:05 جاۋاب

    كەچۇرۇڭ تىمىغا مۇناسىۋەتسىز ئنكاس يازدىم ubuntu12.4btaنىڭ سېناق نۇسقۇسىنى چۇشۇرۇش بېتىدە intil cpuلىق كومپىيوتىرغا قاچىلايدىغىنى نىڭ ھەممىسى 32btلىق ئكەن يەنە 64btلىق ھەممىسى amdلىق supنىڭ ئكەن يەنەتۇرىمۇ كوپكەن قايسسىنى چۇشۇرسەك ياخشى ياردىمىڭىز گەمۇختاجمەن :?:

    • Bakhtiyar : 2012-يىل 16-مارت20:20 جاۋاب

      64 بىتلىق CPU نى ئەڭ بۇرۇن AMD ياسىغان شۇڭا، AMD ھازىر 64 بىتلىق سىستېمىنىڭ بىر بەلگىسى بولۇپ قالدى. لىكىن بۇ پەقەن AMD CPU سىدىلا ئىشلەيدۇ دېگەن گەپ ئەمەس. Intel نىڭ 64بىتنى قوللايدىغان CPU سىدىمۇ نورمال خىزمەت قىلىدۇ.
      مىنىڭ CPU رۇممۇ Intel نىڭ، ھەم 64 بىت، ئىچكى ساقلىغۇچۇم 4G شۇڭا چۇقۇم 64 بىتلىق سىستېما ئىشلىتىمەن(چۈنكى 32 بىتلىق سستېما 4G ئىچكى ساقلىغۇچنى قوللىمايدۇ). سىز دېگەن AMD 64 نى.
      https://www.uyghurix.net/ugubuntu/64-bit-system-can-support-32-bit-libraries-installed.html
      بۇ يازمىنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ

  3. قارام ئنسان : 2012-يىل 16-مارت20:48 جاۋاب

    رەخمەت سىزگەئاۋارەقىلدىم يەنە ئاخىردا سۇرايدىغان سۇئالىم 12.4نەشىرنىڭ بۇ ئۇچ نەشرى يەنىserver desktop alternateدى يىڭى ئۇگەنگۇچىلەرگە ماسكىلىدىغان مۇقۇم ئشلەيدىغان لىرى قايسى قايسسىنى ئشلىتىشنى تەۋسىيە قىلىسىز :twisted: :?:

  4. Bakhtiyar : 2012-يىل 16-مارت21:49 جاۋاب

    12.04 نىڭ ھازىرقىسى سىناق نەشىرى، ھەققىي نەشىرى 4-ئايىنىڭ ئاخىرىدا چىقىدۇ. شۇڭا ھازىرچە 11.10 نى ئىشلىتىشىڭىزنى تەۋىسسىيە قىلىمەن.
    server مۇلازىمىتېر نەشىرى.
    alternate دە ھەممە نەرسىنى ئۆزىڭىز بەلگىلەپ، خەتلىك ئىكراندا قاچىلايسىز. بۇنىڭغا خېلى كۆپ لىنۇكس بىلىمى، ئىشلىتىش تەجىربىسى كىتىدۇ.
    desktop مانا بۇ ئادەتتىكى ئىشلەتكۈچىلەرگە ماس كىلىدۇ. ھەر قاندا ۋاقىتتا مۇشۇنى قاچىلاپ ئىشلىتىڭ.

  5. 励志名言 : 2012-يىل 20-مارت13:04 جاۋاب

    一如既往的支持博主

  6. ئىبرايىم : 2012-يىل 2-ئاپرېل14:44 جاۋاب

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! مەن بايا بۇ يۇمتالنى ئوڭۇشلۇق قاچىلىۋالدىم،بىراق ھەرقانچە قىلىپمۇ خەت نۇسخىسىنى توغۇرلىيالمىدىم، بۇنىڭ سەۋەبى نىمىدۇ؟ :?: مىنىڭ ئىشلىتىۋاتقىنىم 11.04نەشرى.

    • Bakhtiyar : 2012-يىل 2-ئاپرېل17:36 جاۋاب

      كومپيۇتېرغا قاچىلىغان خەت نۇسخسى كۆرۈنمىدىمۇ؟ ياكى ئۇيغۇرچە كىرگۈزگەن بولسىڭىز، ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسىنى تاللىغان تەغدىردىمۇ خەتلار ئۆزگەرمىدىمۇ؟
      مىنىڭكىدە ناھايىتى نورمال بولمىسا

  7. ئىبرايىم : 2012-يىل 2-ئاپرېل19:50 جاۋاب

    ئۇيغۇرچە خەت نۇسخسىنى تاللىساممۇ نورمال ئەمەس :twisted:

ئىنكاس يېزىش

سۈرىتىڭىز يوقما؟


تاقاش×