ئۇيغۇر Ubuntu سوئالخانىسىغا خۇش كەپسىز. Ubuntu توغرىسىدا قانداق سوئالىڭىز بولسا تارتىنماي سوراڭ. چۇقۇم جاۋاب بېرىدىغان ئادەم چىقىدۇ. تېخىمۇ كۆپ Ubuntu بىلىملىرى ئۇيغۇر ئۇبۇنتۇ بېكىتىدە
سوئال سورىغاندا، جاۋاب بەرگەندە رەسىم قىستۇرۇشقا توغرا كەلسە [img]adres[/img] بۇ كودنى ئىشلىتىڭ. ئەگەر كود قىستۇرۇشقا توغرا كەلسە، تەھرىرلىگۈچ ئۆزىنىڭ كود قىستۇرۇش سىن بەلگىسىنى چىكىپ، ياكى بىۋاستە [code]cod[/code] بۇ كودنى ئىشلىتىڭ.

win7 دا ubuntu نى قاتتىق دىسكىدىن قوزغىتىش

0 نومۇر
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم يىقىندا كومپيۇتېرىمغا windosw7 نى قاچىلىغان ئىدىم. ئادەتتە xp دا ئىككى تال ھۆججەتنى قاچىلاپ boot نى تەڭشىسەكلا xpنى قايتا قاچىلىساقمۇ مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن ubuntu نى ئاچقىلى بولاتتى لىكىن ماۋۇ win7 دا boot ھۆججىتى يوقكەن بۇنىڭغا باشقىچە ئۇسۇل بارمىدۇ..بولسا ياردەم قىلغان بولسىڭىز...
نامسىز تەرىپىدىن سورالدى 1 ئاي ئىلگىرى Ubuntu قاچىلاش كاتېگورىيىسىدە
Bakhtiyar تەرىپىدىن 1 ئاي ئالدىدا ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ئۆزگەرتىلگەن

1 جاۋاب

0 نومۇر
شۇنداق win7 قاچىلىغان C دىسكىدا XP غا ئوخشاش boot.init (مۇشۇنداققۇ دەيمەن ئىسىمدە يوق) دېگەن ھۆججەت يوق. بىۋاسيە قاتتىق دىسكىدىن قوزغۇتۇپ قاچىلاش سەل ئاۋارچىلىق، سىز بارماق دىسكىغا ياكى ئوپتىك دىسكىغا ئويۇپ شۇنىڭدىن قوزغۇتۇپ قاچىلىسىڭىز ئەڭ ياخشى.

ئەگەر win7 دا Ubuntu نىڭ ISO ھۆججىتىنى قاتىتىق دىسكىدىن قوزغۇتۇپ قاچىلىماقچى بولسىڭىز. Winrar ئارقىلىق ISO ھۆججىتىنى يېيىپ، caper مۇندەرىجىسى ئاستىدىكى initrd.lz ۋە vmlinuz ئىككى ھۆججەتنى C دىسكىنىڭ غول مۇندەرىجىسىگە قويۇڭ.

چۇشۇرگەن Ubuntu نىڭ ISO ھۆججىتىنىڭ ئىسمىنى ubuntu.iso غا ئۆزگەرتىپ، C دىسكىنىڭ غول مۇندەرىجىسىگە قويۇڭ.

https://u.115.com/file/dnc9pc9v بۇ يەردىن Grub چۈشۈرۈپ بارلىق ھۆججەتنى C دىسكىنىڭ غول مۇندەرىجىسىگە يىشىڭ.

ئەمدىن C دىسكىنى تەكشۈرسىڭىز، grub ئىچىدىكى ھۆججەتلەر ubuntu.iso،vmlinuz، initrd.lz، بۇلار تەل بولدىمۇ؟ ئۇنداق قايتا قوزغۇتۇڭ. بۇ ۋاقىتتا قوزغىتىش تىزىملىكىدىن grub نى تاللپ كىرىڭ ھەمدە قاچىلاشنى باشلىسىڭىز بولىدۇ.

ئەگەر قاچىلاش ئاخىرلاشقاندىن كىيىن قوزغىلىش تىزىملىكىدە win7 كۆرۈنمىسا تېرمىنالنى ئېچىپ . تۆۋەندىكى بۇيرۇقنى كىرگۈزۈڭ.
Code:
sudo update-grub
Bakhtiyar تەرىپىدىن جاۋاب بېرىلدى 1 ئاي ئىلگىرى

ئالاقىدار سوئاللار

0 نومۇر
1 جاۋاب
ۋارىس تەرىپىدىن سورالدى 2 ئاي ئىلگىرى Ubuntu قاچىلاش كاتېگورىيىسىدە
0 نومۇر
1 جاۋاب
نامسىز تەرىپىدىن سورالدى 1 ئاي ئىلگىرى Ubuntu قاچىلاش كاتېگورىيىسىدە
0 نومۇر
1 جاۋاب
نامسىز تەرىپىدىن سورالدى 2 ھەپتە ئىلگىرى يۇمشاق دېتال كاتېگورىيىسىدە
0 نومۇر
1 جاۋاب
0 نومۇر
1 جاۋاب
نامسىز تەرىپىدىن سورالدى 2 ئاي ئىلگىرى ئاساسىي مەشغۇلات كاتېگورىيىسىدە