ugubuntu » Windows https://www.uyghurix.net/ugubuntu ئۇبۇنتۇ بىلوگى Wed, 02 Nov 2011 16:38:22 +0000 en hourly 1 https://wordpress.org/?v=3.2.1 Wine 1.3.23 ئېلان قىلىندى https://www.uyghurix.net/ugubuntu/wine-1-3-23.html https://www.uyghurix.net/ugubuntu/wine-1-3-23.html#comments Fri, 01 Jul 2011 07:32:37 +0000 Bakhtiyar https://www.uyghurix.net/ugubuntu/?p=1754 Wine 1.3.23 ئېلان قىلىندى. ئېسىمدە قېلىشىچە بىلوگدىكى بەزى يازمىلار Wine دېتالىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن بولساممۇ، بىراق بۇ دېتال ھەققىدە ئايرىم توختالمىغان ئىكەنمەن.

Wine بولسا لىنۇكسدا Windows دېتاللىرىنى ئىشلىتىشتە ئىشلىتىلىدىغان دېتال. Windows دىكى نۇرغۇنلىغان مۇنەۋۋەر دېتاللارنى Wine ئارقىلىق لىنۇكسدا بىۋاسىتە ئىشلەتكىلى بولىدۇ. قارىماققا مەۋھۇم كومپيۇتېرغا ئوخشايدۇ، بىراق ئۇنىڭدىن كۆپ ئىلغار (ئىسىڭلاردا بولسۇن ھەممە دېتالنى Wine ئارقىلىق لىنۇكسقا قاچىلىيالمايمىز).

بۇ قېتىم ئېلان قىلىنغان Wine 1.3.23 دا ئىلگىرىكى نۇرغۇن Bug لار تۈزىتىلىپتۇ، ماسلىشىشچانلىقى (兼容性) ياخشىلىنىپتۇ، بىر سىناپ بېقىشقا ئەرزىگۈدەك.

ئورگان بېتى:https://www.winehq.org

چۈشۈرۈش ئادرېسى:https://www.winehq.org/download

Wine نى بۇ نەشرى PPA گە قوشۇلۇشتىن بورۇن كونا نەشرىنى PPA مەنبەسىدىن قاچىلاش بۇيرۇقى:

sudo add-apt-repository ppa:ubuntu-wine/ppa
sudo apt-get update
sudo apt-get install wine1.3

بېكەتتىكى Wine بىلەن ئالاقىدار يازمىلار:

ئۇبۇنتۇدا ئۇيغۇر ئېدىتنى ئەڭ مۇكەممەل ئىشلىتىش

ئۇبۇنتۇدا شۇنلېي چۈشۈرۈش يۇمتالىنى ئىشلىتىش

ئۇبۇنتۇدا PS cs4 نى ئىشلىتىش

ئۇبۇنتۇغا QQ2010 قاچىلاش

Wine ئارقىلىق قاچىلاپ مۇۋاپىقىيەتلىك بولغان Windwos دېتاللىرىنىڭ ئىسمىنى مۇشۇ يەرگە ئىنكاس سۈپىتىدە يېزىپ قويغان بولساڭلار، باشقىلارمۇ پايىلانسۇن، رەھمەت….

]]>
https://www.uyghurix.net/ugubuntu/wine-1-3-23.html/feed 0
windows يۇمتاللىرىنىڭ ئورنىنى ئالالايدىغان ئۇبۇنتۇ يۇمتاللىرى https://www.uyghurix.net/ugubuntu/windows-orninialidighan-ubuntu-yumtalliri.html https://www.uyghurix.net/ugubuntu/windows-orninialidighan-ubuntu-yumtalliri.html#comments Tue, 08 Mar 2011 08:03:42 +0000 Bakhtiyar https://www.uyghurix.net/ugubuntu/?p=314 linux بىلەن يېڭى تونۇشقانلار windows يۇمتاللىرىغا كۆنۈپ قالغان بولغاچقا، ھەمىشە قايسى يۇمتالنى ئىشلىتىشنى بىلەلمەي بەك قىينىلىدۇ. مەن تۆۋەندە windows تا كۆپ ئىشلىتىلىدىغان يۇمتاللارنىڭ ئورنىنى ئالالايدىغان linux يۇمتاللىرىنى كۆرسىتىپ ئۆتەي.
Windows ——— Ubuntu

Internet Explorer ——— Firefox,Google Chrome,Opera

Microsoft Office ——— OpenOffice.org

Photoshop ——— Gimp

AIM, ICQ, MSN, Yahoo!, Jabber, IRC instant messaging ——— Gaim

(بۇنى ئادەتتە تەھرىرلەشكە ئىشلىتىمىز.) Word Pad (or notepad) ——— Gedit

Windows Media Player ——— Totem,Mplayer

Nero ——– Gnomebaker

Outlook Express ——— Evolution, Thunderbird

(wine ئارقىلىق eMule نى ئىشلەتسەكمۇ بولىدۇ) eMule ———– aMule

(Windows Picture and Fax Viewer ———— Image Viewer (Eye of GNOME

Winamp/Wmp ————Rhythmbox

QQ ———— QQ for linux, web QQ

(ppStream نى مۇ قاچىلىغىلى بولىدۇ) ppStream————————qsopcast

(بەك ياخشى جۇمۇ، ئۇيغۇرچە لۇغەتمۇ بار) 金山词霸———stardic

(VMware بار بىراق مېنىڭچە ubuntu بەك مۇقىم ئەمەس ئىكەن) VirtualMachine————VirtualBox

(turbo دىن مىڭ ياخشى) C—————–gcc تىلى

( BTچۈشۈرۈشكە ئىشلىتىلىدۇ) 迅雷—————–MultiGet ,DownthemAll,Deluge
Windows Live Messenger ——— Emesene

Adobe Illustrator ——— Inkscape

Chrome for Windows ——— Chrome for Linux

VLC media player for Windows ——— VLC media player for Linux

Visual Studio ——— Eclipse
ھازىرچە مەن ئىشلىتىپ باققىنى ھەمدە ئېسىمگە كەلگىنى مۇشۇلاركەن. باشقىلارنىڭمۇ داۋاملىق تولۇقلاپ قۇيۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

]]>
https://www.uyghurix.net/ugubuntu/windows-orninialidighan-ubuntu-yumtalliri.html/feed 0
لىنۇكس مەشغۇلات سىستېمىسىنى توغرا تونۇش https://www.uyghurix.net/ugubuntu/linuxni-toghra-tunush.html https://www.uyghurix.net/ugubuntu/linuxni-toghra-tunush.html#comments Fri, 04 Mar 2011 21:08:51 +0000 Bakhtiyar https://www.uyghurix.net/ugubuntu/?p=50
Windows دېگەن ئاتالغۇ كۆپىنچە كىشىلەرنىڭ ئىدىيىسىدە كومپيۇتېر دېگەن ئاتالغۇ بىلەن بىرلىشىپ كەتكەن، ھەتتا Windows بولمىسا كومپيۇتېرنى ئىشلەتكىلى بولمايدۇ دەپ ئويلايدىغانلارمۇ ئاز ئەمەس. بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى بىزگە ئۇچرىغان كومپيۇتېرلارنىڭ كۆپىنچىسىگە Windows مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ قاچىلانغانلىقىدۇر.ئۇنداقتا كومپيۇتېر ئىشلەتكۈچىلىرىگە Windows مەشغۇلات سىستېمىسىنى قاچىلاشتىن باشقا تاللاش يوقمۇ ؟
ئەمەلىيەتتە ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس. كومپيۇتېر تورىدىن ياكى مەخسۇس مەشغۇلات سىستېمىسى تونۇشتۇرۇلغان كىتابلاردىن ئىزدەيدىغان بولساق Dos, Windows, Unix, Linux,Minix, MAC OS……قاتارلىق ئوندىن ئارتۇق مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ ئىسمىنى تاپالايمىز. ئەگەر يېڭىدىن ئىشلىنىۋاتقان، ئىشلىنىش ئالدىدا تۇرغان ۋە ئىشلىتىلىشتىن قالغانلىرىنى قوشىدىغان بولساق تېخىمۇ كۆپ. بىراق كومپيۇتېر بىزگە كىرىپ ئىشلىتىلىشكە باشلىغاندىلا مىكروسوفت شىركىتىنىڭ Dos مەشغۇلات سىستېمىسى ئارقىلىق كىرگەن ھەم مىكروسوفتنىڭ يۇمشاق دېتال تەرەققىياتىنى بويلاپ كەڭ تۈردە ئومۇملاشقان بولغاچقا بىزگە Windows دېگەن ئاتالغۇ بەكلا چوڭقۇر ئورناپ كەتكەن. مەسىلەن كومپيۇتېر بىلەن دەسلەپ تونۇشقانلارنىڭ كۆپىنچىسى Windows 3.2, Windows 95, Windows 98, Windows ME, Windows 2000, Windows XP قاتارلىقلارنى ئىشلىتىپ كۆرگەن ،تېخى يېڭىدىن كومپيۇتېرنى ئىشلىتىشكە باشلىغانلار بولسىمۇ بىۋاسىتە Windows 2000 ياكى Windows XP بىلەن ئۇچرىشىدۇ. چۈنكى Windows مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ ئىقتىدارى ئىنتايىن كۈچلۈك، ئىشلىتىش ناھايىتى قۇلايلىق. بىراق بۇ باشقا مەشغۇلات سىستېمىلىرى Windows قا يەتمەيدۇ دېگىلى بولمايدۇ. ھەرخىل مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكلىرى بار. مەسىلەن : MAC OS نىڭ كۆزنەكلىك كۆرۈنۈش ۋە مۇقىملىق جەھەتتىكى ئىقتىدارىنى پۈتۈن دۇنيا ئېتىراپ قىلىدۇ. بىراق بۇ سىستېما پەقەت ئالما ماركىلىق كومپيۇتېرلاردىلا ئەڭ ياخشى ئىشلەيدۇ. Unix, Linux مەشغۇلات سىستېمىلىرىنىڭ كومپيۇتېر تورى، كومپيۇتېر بىخەتەرلىكى ۋە سىستېما مۇقىملىقى جەھەتتىكى ئىقتىدارى ئىنتايىن كۈچلۈك… گەرچە PC كومپيۇتېر ساھەسىدە Windows ئاساسلىق ئورۇننى ئىگىلەۋاتقان بولسىمۇ، بىراق ئۆزگىچە ئىقتىدارى بىلەن يەنىلا خېلى كۆپ ساھەنى كونترول قىلىپ تۇرۇۋاتقان ۋە ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىۋاتقىنى يەنىلا Linux مەشغۇلات سىستېمىسى. Linux نۆۋەتتىكى كومپيۇتېر مەشغۇلات سىستېمىسى ساھەسىدىكى بىر قىزىق نۇقتا ھېسابلىنىدۇ. دەسلىپىدە بۇ مەشغۇلات سىستېمىسى قاچىلاش جەھەتتىكى بەزىبىر يېتەرسىزلىكى ، تەشۋىقاتنىڭ ياخشى بولماسلىقى ۋە باشقا قىسمەن سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كەڭ ئىشلىتىشكە ئېرىشەلمەي كەلگەن بولسىمۇ ، بىراق ئالدىنقى نەچچە يىل ئىچىدىكى تەرەققىيات نەتىجىسىدە ھەرقايسى جەھەتتىكى ئىقتىدارى مۇكەممەللىشىپ بىر قېتىملىق Linux دولقۇنى قوزغالدى. بۇ مىكروسوفت شىركىتىگىمۇ خېلى زور بېسىم ئېلىپ كەلدى.
مىنىڭ بۇ يەردە دېمەكچى بولغىنىم ھەرگىزمۇ Linux مەشغۇلات سىستېمىسى كۆككە كۆتۈرۈپ Windows مەشغۇلات سىستېمىسىنى چۈشۈرۈش ئەمەس، بەلكى كۆپچىلىككە تېخىمۇ بىخەتەر تېخىمۇ ئەرزان بولغان Linux مەشغۇلات سىستېمىسىنى تونۇشتۇرۇشتۇر خالاس. ئەگەر سىز Linux مەشغۇلات سىستېمىسىنى ئىشلىتىشنى ئۆگەنمەكچى بولسىڭىز ، Ubuntu Linux مەشغۇلات سىستېمىسى سىزگە ئەڭ ياخشى بوسۇغا بولالايدۇ.

]]>
https://www.uyghurix.net/ugubuntu/linuxni-toghra-tunush.html/feed 0