ugubuntu » ئۇبۇنتۇ ماھارەتلىرى https://www.uyghurix.net/ugubuntu ئۇبۇنتۇ بىلوگى Wed, 02 Nov 2011 16:38:22 +0000 en hourly 1 https://wordpress.org/?v=3.2.1 Windows7 دە ئۇبۇنتۇنىڭ گرافىك يۈزىگە يىراقتىن كىرىش https://www.uyghurix.net/ugubuntu/windows-7-using-remote-desktop-connection-in-ubuntu.html https://www.uyghurix.net/ugubuntu/windows-7-using-remote-desktop-connection-in-ubuntu.html#comments Fri, 26 Aug 2011 14:24:24 +0000 Bakhtiyar https://www.uyghurix.net/ugubuntu/?p=1897 بۈگۈن بىر ساۋاقدىشىم ماڭا لىنۇكسنى سىناپ بېقىش نىيىتىنىڭ بارلىقىنى، شۇڭا مىنىڭ كومپيۇتېرىمنى بېرىپ تۇرۇشۇمنى ئۆتۈنۈپ كىرىپتۇ. ئۇنىڭغا قاچىلاپ بېرەي دېسەم پەقەت خوش ياقمىدى، (ھەم قاچىلاپ بەرسەممۇ ئەتىدىن كەچكىچە ئويۇن ئوينايدىغان ئۇ ئاداش، ئىككى كۈندە زېرىكىپ ئۆچۈرۈپ بەر دەپ كىرمىسۇن دېدىم) شۇڭا ھەممىمىز بىر مەكتەپ، بىر دائىرىلىك توردا (局域网) بولغاندىن كىيىن، مىنىڭ كومپيۇتېرىمغا يىراق ئارىلىقتىن كىرىدىغان (远程登录) قىلىپ بەردىم. لىنۇكس ئىشلىتىپ باققانلار ھەممىسى بىلىدۇ، Ctrl+Alt+F1~F7 نى باسساق، ئوخشىمىغان تېرمىنال ئېچىلىدۇ، ھەمدە بىر نەچچە ئىشلەتكۈچى تەڭ كىرىپ بىر كومپيۇتېرنى ئىشلىتەلەيمىز. شۇڭا ئۇ مىنىڭ كومپيۇتېرىمغا سىرتتىن كىرسە مىنىڭ مەشغۇلاتىمغا ھېچ قانداق تەسىر يەتكۈزمەيدۇ ( ئىككىمىز تەڭ دەھشەت سۈزۈك كىنو كۆرمىسەكلا :mrgreen: ).

تەييارلىق ۋە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

Windows7 دە ئۇبۇنتۇغا يىراقتىن كىرىش ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم ئىككى شارائىت ھازىرلىشىمىز كېرەك. بىرى تور مۇھىتى، يەنى ئىككى كومپيۇتېر ئىنتېرنېتقا ئۇلانغان بۆلىشى،  دائىرىلىك توردا (局域网) بولسا تېخى ياخشى، تور سۈرىتى بەك ئاستا بولماسلىقى كېرەك. (ئىككى كومپيۇتېردا ئايرىم ئايرىم IP نى ئۆزئارا ping قىلىپ تەكشۈرۈپ باقساڭلار بولىدۇ). لىنۇكسدا IP ئادرېسىنى كۆرۈش ئۈچۈن ifconfig بۇيرۇقىنى ئىشلىتىمىز.

يەنە بىرى، كىرمەكچى بولغان كومپيۇتېرنىڭ سەپلىمىسى بەك تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك. چۈنكى تونۇشتۇرماقچى بولغىنىم، Windows7 دە ئۇبۇنتۇنىڭ گرافىك يۈزىگە يىراقتىن كىرىش ئۇسۇلى، بەزى كونا كومپيۇتېرلاردا بىر ئادەم ئاران مەشغۇلات قىلالايدۇ (سۈرەت ئاستا، قاتىدۇ دېمەكچى)، ئەگەر بۇنداق كومپيۇتېرغا قاچىلانغان ئۇبۇنتۇغا بىرەرى مەن تونۇشتۇرغان ئۇسۇل بىلەن يىراقتىن كىرسە، كومپيۇتېر پارتلاپ كەتمىسۇن :mrgreen:  بۇ ئۇسۇل ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا تولىمۇ ماس كېلىدۇ. ئادەتتە كارخانا، ئورۇنلاردا  لىنۇكسنىڭ گرافىك يۈزىگە يىراقتىن كىرىش ئۇسۇلى ئاساسەن قوللىنىلمايدۇ، ssh ئارقىلىق خەتلىك تېرمىنالغا كىرىدۇ. بۇنى كېيىنچە ۋاقتىم چىقسا يازارمەن.

تەپسىلىي مەشغۇلات جەريانى

ئالدىن بىلەن ئۇبۇنتۇدا Remote Desktop قورالىنى قوزغىتىمىز، بۇ سىستېما بىلەن بىرگە قاچىلاغلىق، ئۆچۈرۈۋەتكەنلەر بولسا يۇمشاق دېتال مەركىزىدىن ئىزدەپ قاچىلىۋالساڭلار بولىدۇ. بۇ قورال ئارقىلىق باشقىلارنى كومپيۇتېرىمىزغا يىراقتىن كىرەلەيدىغان قىلىپ بەلگىلەيمىز. بۇ يەردىكى مۇھىمى ئەڭ ئۈستىدىكى ئىككى تاللاش. قالغانلىرىنىڭ نېمە ئىكەنلىكگە قىزىقساڭلار سىناپ بېقىڭلار. مەن بەلگە قىلىپ ئۆچۈرۈۋەتكەن يەردە IP رىمىز كۆرۈنىدۇ.

يۇقىرىدىكى مەشغۇلات تاماملانغاندىن كىيىن Windows7 نىڭ بۇيرۇق يۈرگۈزىدىغان يېرىنى (运行) ئاچىمىز، ھەم mstsc.exe نى كىرگۈزۈپ يۈرگۈزىمىز.

ئېچىلغان يېڭى كۆزنەككە كىرمەكچى بولغان ئۇبۇنتۇنىڭ IP ئادرېسىنى كىرگۈزىمىز.

ئاستىدىكى ئۇلاشنى باسساق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولسا تۆۋەندىكىدەك كۆزنەك كۆرۈنىدۇ، ئۇبۇنتۇدا بار بولغان قوللانچى نامى، شىفىرىنى كىرگۈزۈپ كىرسەكلا بولىدۇ.

گەپنى ئۇزارتىپ مۇشۇ يەرگە ئەكەپتىمەن. ئەمدىن Windows7 دە باشقا Windows نىڭ  گرافىك يۈزىگە يىراقتىن كىرىشمۇ يۇقىرىدا تونۇشتۇرغىنىم بىلەن كۆپ پەرقلەنمەيدۇ. كىرمەكچى بولغان  Windows نى باشقىلار يىراقتىن كىرەلەيدىغان قىلىپ بەلگىلەيمىز، ئاندىن قالغان مەشغۇلات ئوخشاش. يەنى كومپيۇتېرىم –› خاسلىقىغا (我的电脑,属性) كىرىپ رەسىمدىكىدەك قىلىمىز.

بىراق ئىسىڭلاردا بولسۇن Windows قا بىر قېتىمدا بىرلا قوللانچى كىرەلەيدۇ. شۇڭا بەزى تور مۇھىتىدا يىراقتىن كىرگەندە، ئەسلىي ئىشلەتكۈچى ئاپتوماتىك چېكىنىپ كەتكەچكە تور ئۈزۈلۈپ نورمال كىرگىلى بولماسلىقى مۇمكىن. QQ نىڭمۇ مۇشۇنداق ئىقتىدارى بار بىراق پەقەت بىخەتەر ئەمەس جۇمۇ :oops:

]]>
https://www.uyghurix.net/ugubuntu/windows-7-using-remote-desktop-connection-in-ubuntu.html/feed 6
Firefox نىڭ يېڭى نەشىرىدە ئۇيغۇچە خەتلەرنىڭ نورمال كۆرۈنمەسلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىش https://www.uyghurix.net/ugubuntu/firefox-uyghur-font-solutions.html https://www.uyghurix.net/ugubuntu/firefox-uyghur-font-solutions.html#comments Sat, 20 Aug 2011 11:09:33 +0000 Bakhtiyar https://www.uyghurix.net/ugubuntu/?p=1896 Firefox نىڭ قانداق ياخشىلىقىنى مەن بۇ يەردە ماختاپ، ئەزمەمنى ئېزىپ چۈشەندۈرۈپ يۈرمىسەممۇ ئىشلىتىپ باققانلار چوقۇم بىلىدۇ.

بىراق Firefox 5 ياكى يېقىندا ئېلان قىلىنغان Firefox 6 ئىشلىتىۋاتقانلار مۇنداق مەسىلىگە يولۇققان بولىشى مۇمكىن. يەنى ئۇيغۇرچە بېكەتلەرنى زىيارەت قىلغاندا، شۇ بېكەتكە ئىشلىتىلگەن خەت نۇسخىسى كومپيۇتېرغا قاچىلاغلىق بولسىمۇ، Firefox كومپيۇتېردىكى خەت نۇسخىسىنى ئىشلەتمەيدۇ. ئۇيغۇرچە خەتلەر ھەجىلەپمۇ ئوقۇغىلى بولمىغۇدەك دەرىجىدە سەت كۆرۈنۈپ قالىدۇ. ئەلۋەتتە ھەممەيلەننىڭكىدە ئۇنداق دېمەكچى ئەمەس، مەسىلەن مەن ئىشلىتىۋاتقان6 Firefox دە نورمال. ( Firefox نىڭ كومپيۇتېردىكى خەت نۇسخىسىنى تاپالماسلىقى بەلكىم بىر bug بولىشى مۇمكىن).

ئەگەر يۇقىرىقىدەك مەسىلىگە يولۇققانلار، Firefox نى تور بەت يۈزىدە ئىشلىتىدىغان خەت نۇسخىسىنىڭ ھەممىسىنى كومپيۇتېردىن ئالىدىغان قىلىپ تەڭشىۋېلىڭلار. ھازىر ھەممىمىزنىڭ كومپيۇتېرىغا قاچىلانغان خەت نۇسخىلىرى خېلى مول بولغاچقا ھېچقانداق مەسىلە كۆرۈلمەيدۇ دەپ ئويلايمەن.

ئالدى بىلەن Firefox نىڭ ئادرېسى ئىستونىغا about:config دەپ كىرگۈزسەك Firefox نىڭ ئىچكى قىسمىنى تەڭشەيدىغان بەت ئىچىلىدۇ (باشتا ئاگاھلاندۇرۇش ئۇچۇرى چىقىشى مۇمكىن، داۋاملاشتۇرۇۋەرسەك بولىدۇ).

ئاندىن Ctrl+F نى بېسىپ gfx.downloadable_fonts.enabled دېگەننى ئىزدەپ تاپىمىز. سۈكۈت ھالەتتە كەينىدىكى قىممىتى true، قوش چېكىپ false قىلىپ، Firefox نى قايتا قوزغىتىمىز.

]]>
https://www.uyghurix.net/ugubuntu/firefox-uyghur-font-solutions.html/feed 15
64 بىتلىق ئۇبۇنتۇدا 32 بىت ئامبىرىنى ئىشلىتىش https://www.uyghurix.net/ugubuntu/64-bit-system-can-support-32-bit-libraries-installed.html https://www.uyghurix.net/ugubuntu/64-bit-system-can-support-32-bit-libraries-installed.html#comments Sun, 10 Jul 2011 09:22:39 +0000 Bakhtiyar https://www.uyghurix.net/ugubuntu/?p=1827 نەچچە كۈن ئاۋۋال مۇئەللىمنىڭ تەۋسىيىسى بىلەن ئۇبۇنتۇ 11.04 نىڭ 64 بىتلىقنى قاچىلىدىم. ھەقىقەتەن ئالاھىدە سۈزۈك كىنولارنى كۆرگەندە 32 بىتلىق ئۇبۇنتۇغا قارىغاندا ئازراق ياخشىكەن.

32 بىتلىق مەشغۇلات سىستېمىسى، 64 بىتلىق مەشغۇلات سىستېمىسى ھەققىدە سۆزلەشتىن بۇرۇن، بۇلارنىڭ نىمىنى بىلدۈرىدىغانلىقىنى ئاددىي چۈشەندۈرۈپ ئۆتەي. مىنىڭ كەسپىم كومپيۇتېرغا ئالاقىدار بولغاچقا، تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز چۈشەنچەم بىلەن، ناھايىتى ئاددىي تىلدا يېزىشقا تىرىشتىم، ھەم بۇلارنى خەنچە ئۆگەنگەن بولغاچقا ئۇيغۇرچە ئىپادىلىگەندە ئازراق مەسىلە بۆلىشى مۇمكىن، چۈشەنمىگەنلەر ئايرىم ئىنكاس يازارسىلەر.

ئالدى بىلەن گەپنى كومپيۇتېردىن باشلايلى. كومپيۇتېرنىڭ 64 بىتلىق ياكى 32 بىتلىق ئىكەنلىكى مەركىزى بىرتەرەپ قىلغۇچ يەنى CPU ئارقىلىق بەلگىلىنىدۇ. CPU نىڭ سىغدۇرۇشچانلىقى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە بولۇپ، 64 بىتلىق CPU ئىشلىتىلگەن كومپيۇتېرلارغا 32 بىتلىق مەشغۇلات سىستېمىسىنىمۇ قاچىلىغىلى بولىدۇ. بىراق 32 بىتلىق CPU ئىشلىتىلگەن كومپيۇتېرلارغا 64 بىتلىق مەشغۇلات سىستېمىسىنىمۇ قاچىلىغىلى بولمايدۇ.

كومپيۇتېر ئىشلىتىۋاتقانلار بىلسە كېرەك، مەركىزى بىرتەرەپ قىلغۇچ (CPU) بىر تەرەپ قىلىدىغان ھەممە ئۇچۇرنى ئىچكى ساقلىغۇچ (内存) دىن ئالىدۇ. ھەمدە بىرتەرەپ قىلىپ بولغان ئۇچۇرنى ئىچكى ساقلىغۇچ (内存) قا ساقلايدۇ، ئاندىن بىز ئىشلىتىمىز. مەركىزى بىرتەرەپ قىلغۇچ (CPU) نىڭ ھەر قېتىم بىر تەرەپ قىلالايدىغان سانلىق قىممەتنىڭ چوڭ كىچىكلىكى سۆز گۇرۇپپىسى (字组/word size) دەپ ئاتىلىدۇ. سۆز گۇرۇپپىسى (字组/word size) نىڭ چوڭ كىچىكلىكى مەركىزى بىرتەرەپ قىلغۇچ (CPU) نىڭ 64 بىتلىق ياكى 32 بىتلىق ئىكەنلىكى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. مەن يۇقىرىدا تىلغا ئالغان كومپيۇتېرنىڭ 64 بىتلىق ياكى 32 بىتلىق ئىكەنلىكى مەركىزى بىرتەرەپ قىلغۇچ (CPU) نىڭ ئانالىز (解析) قىلغان سۆز گۇرۇپپىسى (字组/word size) نىڭ چوڭ كىچىكلىكى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. 32 بىتلىق مەركىزى بىرتەرەپ قىلغۇچ (CPU) ئەڭ چوڭ بولغاندا 4G لىق ئىچكى ساقلىغۇچ (内存) نى قوللايدۇ.

مەركىزى بىرتەرەپ قىلغۇچ (CPU) نىڭ ئىقتىدارى قايسى خىل سىستېمىدا ( 64 بىتلىق ياكى 32 بىتلىق) ئەڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى ھېچ قىلدىڭلار ھە قاچان.

2004-يىلىدىن كىيىن چىققان خاتىرە كومپيۇتېر ۋە تەييار ئۈستەل كومپيۇتېرلىرىنىڭ ھەممىسىگە دېگۈدەك 64 بىتلىق مەركىزى بىرتەرەپ قىلغۇچ (CPU) ئىشلىتىلگەچكە، 64 بىتلىق مەشغۇلات سىستېمىسىنى ئەمدى ئىشلىتىپ باقساق بولىدۇ. Windows نىڭ 64 بىتلىقىنى قاچىلىغاندا 32 بىت ئامبىرى سىستېما بىلەن بىرگە سەپلەگلىك بولغاچقا، 32 بىتلىق سىستېما ئۈچۈن ئىشلەنگەن دېتاللارنى 64 بىتلىقى Windows مەشغۇلات سىستېمىسىدا بىمالال ئىشلىتەلەيمىز. ئىككى ئامبار ئايرىم بولغاچقا، 32 بىتلىق 64 بىتلىق سىستېما ئۈچۈن ئىشلەنگەن دېتاللار ئارىلىشىپ كەتمەيدۇ.

ئۇبۇنتۇ ۋە باشقا لىنۇكس مەشغۇلات سىستېمىلىرىنىڭ ISO ھۆججىتىنى ياكى دېتالى ھۆججىتى ئاخىرىغا قوشۇلغان i386، i586، i686 دېگەنلەر بۇ ISO نىڭ 32 بىتلىق كومپيۇتېر ئۈچۈن ئىشلەنگەنلىكىنى ( 64 بىتلىق CPU ئىشلىتىلگەن كومپيۇتېرلارغا 32 بىتلىق مەشغۇلات سىستېمىسىنىمۇ قاچىلىغىلى بولىدۇ ئەلۋەتتە )، ياكى 32 بىتلىق مەشغۇلات سىستېمىسى ئۈچۈن دېتال دېگەننى ئىپادىلەيدۇ.
x86_64، AMD64 بولسا 64 بىتلىق سىستېما ISO ھۆججىتىنى ياكى دېتال دېگەننى ئىپادىلەيدۇ.

ئۇبۇنتۇ 11.04 تىن باشلاپ، 64 بىتلىق ئۇبۇنتۇغا 32 بىت ئامبىرى سەپلەنگەن، ئۇبۇنتۇنىڭ كونا نەشرىنى ئىشلىتىۋاتقانلار، ياكى 32 بىت ئامبىرى بىنورماللار تۆۋەندىكى بۇيرۇق ئارقىلىق قاچىلىساڭلار بولىدۇ.

sudo apt-get install ia32-libs*

32 بىت ئامبىرىنى قاچىلاپ بولغاندىن كىيىن 64 بىتلىق ئۇبۇنتۇدا 32 بىتلىق سىستېما ئۈچۈن ئىشلەنگەن دېتاللارنى قاچىلاپ ئىشلىتەلەيمىز. نىمىلا دېگەن بىلەن 64 بىتلىق سىستېما نۇرغۇن كىشىلەرگە ناتونۇش، دېتاللىرى 32 بىتلىق سىستېمىدىن ئاز.

قېنى ئەمىسە مەن ئىشلىتىلىۋاتقان 64 بىتلىق ئۇبۇنتۇ 11.04 كە، 32 بىتلىق سىستېما ئۈچۈن ئىشلەنگەن google chrome جاھاننامىسىنى قاچىلاپ، بۇ ئامبارنى قانداق ئىشلىتىشنى كۆرسىتىپ ئۆتەي.

مەسىلەن مەن https://www.google.com/chrome بۇ ئۇلىنىشتىن google-chrome-stable_current_i386.deb ھۆججىتىنى چۈشۈردۈم، بۇنى 64 بىتلىق ئۇبۇنتۇغا قاچىلىماقچى، ئۇنداقتا تېرمىنالدا cd بۇيرۇقى ئارقىلىق بايا چۈشۈرگەن ھۆججەت بار مۇندەرىجىگە كىرىپ، تېرمىنالغا تۆۋەندىكى بۇيرۇقنى يېزىپ قاچىلايمەن.

sudo dpkg –force-architecture -i google-chrome-stable_current_i386.deb

يەنى dpkg –force-architecture نى ئىشلىتىمىز. ئۆچۈرۈش ئۈچۈن P نى ئىشلىتىمىز، مەسىلەن: sudo dpkg -P detal_ismi

]]>
https://www.uyghurix.net/ugubuntu/64-bit-system-can-support-32-bit-libraries-installed.html/feed 4
ئۇبۇنتۇدا Firefox تور سۈرئىتىنى تىزلىتىش https://www.uyghurix.net/ugubuntu/solve-ubuntus-firefox-slow-access.html https://www.uyghurix.net/ugubuntu/solve-ubuntus-firefox-slow-access.html#comments Fri, 08 Jul 2011 11:23:12 +0000 Bakhtiyar https://www.uyghurix.net/ugubuntu/?p=1822 Firefox ئىزچىل ئىشلىتىۋاتقىلى ئۈچ يىلدەك بوپتۇ. يېقىندىن بۇيان Google Chrome غا ئامراق بولۇپ قالدىم. نېمىشقا دېگەندە سەۋەب تولا :mrgreen:

Google Chrome نىڭ سۈرىتى ھەقىقەتەن تىز. بۈگۈن تۇيۇقسىز ئىككىلىسى بىر كومپيۇتېرغا قاچىلاقلىق تۇرسا نېمىشقا بۇنچىلىك پەرق بولىدۇ. Windows دا Firefox مۇ قېلىشمايدۇ بولمىسا دېگەنلەرنى ئويلاپ قالدىم. Firefox دا بەت ئاچقاندا دىققەت قىلساڭلار سول تەرەپ ئاستىدا نۇرغۇن نەرسىلەرنى يۈكلەيدىغانلىقىنى كۆرىمىز، ئەجەبا بۇ DNS نىڭ ئىشىمىدۇ. شۇلارنى ئويلاپ توردىن ماتېرىيال ئىزدەشكە باشلىدىم. دەرۋەقە تور بەت ئىسمىنى يېشىشتە ئازراق مەسىلە باركەن، بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن DNS ساقلانمىلىرىمغا نىسبەتەن ئازراق بەلگىلەش ئېلىپ بارساقلا Firefox لا ئەمەس، پۈتكۈل ئۇبۇنتۇنىڭ تور سۈرىتى باشقىچە ئىتتىكلەيدىكەن. ئەسكەرتىپ ئۆتەي مىنىڭ ئىشلىتىدىغىنىم مەكتەپ تورى.

  • dnsmasq قورالىنى قاچىلايمىز
sudo apt-get install dnsmasq
  • dnsmasq ھۆججىتىگە نىسبەتەن بەلگىلەش ئېلىپ بارىمىز
sudo gedit /etc/dnsmasq.conf

بۇ يەردىن #resolv-file= دېگەننى تېپىپ قۇدۇق بەلگىسى (#) نى ئېلىۋەتكەندىن كىيىن، تەڭلىك بەلگىسىنىڭ (=) كەينىگە /etc/resolv.dnsmasq.conf نى قوشىدىكەنمىز. ئۆزگەرتىپ بولغاندىن كېيىنكى بۇ قۇر تۆۋەندىكىدەك بۆلىشى كېرەك.

resolv-file=/etc/resolv.dnsmasq.conf
  • resolv.conf ھۆججىتىنى resolv.dnsmasq.conf ھۆججىتىگە كۆچۈرۈۋېلىپ، resolv.conf ھۆججىتىنى ئازراق ئۆزگەرتىمىز
sudo cp /etc/resolv.conf /etc/resolv.dnsmasq.conf
sudo gedit /etc/resolv.conf

ئېچىلغان ھۆججەت ئىچىدىكى توربەت ئىسمى مۇلازىمېتىرلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۆچۈرگەندىن كىيىن، تۆۋەندىكى قۇرنى قوشىمىز.

nameserver 127.0.0.1

dhclient.conf ھۆججىتىنى يەنە ئازراق ئۆزگەرتىمىز

ئۇبۇنتۇ 10.10 ۋە بۇرۇنقى نەشرىنى ئىشلىتىۋاتقانلار تېرمىنالغا تۆۋەندىكى بۇيرۇقنى كىرگۈزۈپ،

sudo gedit /etc/dhcp3/dhclient.conf

ئۇبۇنتۇ 11.04 ئىشلىتىۋاتقانلار تېرمىنالغا تۆۋەندىكى بۇيرۇقنى كىرگۈزۈپ تەھرىرلەيمىز.

sudo gedit /etc/dhcp/dhclient.conf

بۇ ھۆججەتتىن supersede domain-name دېگەن قۇرنى ئىزدەپ تېپىپ ئاستىدىكى تۆت قۇرنى تۆۋەندە مەن كۆرسەتكەندەك قىلىپ ئۆزگەرتىمىز، ئادەتتە prepend domain-name-servers دېگەن قۇرنىڭ ئالدىدىكى قۇدۇق بەلگىسىنى (#) ئېلىۋەتسەكلا بولىدۇ.

#supersede domain-name “fugue.com home.vix.com”;
prepend domain-name-servers 127.0.0.1;
request subnet-mask, broadcast-address, time-offset, routers,
domain-name, domain-name-servers, host-name,
netbios-name-servers, netbios-scope;

ئۇبۇنتۇ 10.10 ۋە كونا نەشرىنى ئىشلىتىۋاتقانلار تۆۋەندىكى بۇيرۇق بىلەن wvdial ھۆججىتىنى ئېچىپ usepeerdns دېگەننىڭ ئالدىغا قۇدۇق بەلگىسى (#) قويۇپ قويۇڭلار.

sudo gedit /etc/ppp/peers/wvdial

بۇنداق بولغاندا resolv.conf ھۆججىتىگە ئېلىپ بارغان بەلگىلەشلىرىمىزنىڭ، يەنى DNS نىڭ قاپلىنىپ كىتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

ئازراق بولسىمۇ پايدىسى بولغانلار ئىنكاس يېزىپ قويۇڭلار ھە…

]]>
https://www.uyghurix.net/ugubuntu/solve-ubuntus-firefox-slow-access.html/feed 6
Chrome جاھاننامىسىدە خالىغان بېكەتكە خالىغان خەت نۇسخىسى بەلگەش https://www.uyghurix.net/ugubuntu/different-sites-to-set-different-fonts-on-chrome.html https://www.uyghurix.net/ugubuntu/different-sites-to-set-different-fonts-on-chrome.html#comments Sat, 02 Jul 2011 17:15:36 +0000 Bakhtiyar https://www.uyghurix.net/ugubuntu/?p=1802 مەن بۈگۈن بىلىك كۇلۇبىنى ئارىلاۋېتىپ بىرەيلەننىڭ https://www.google.com/webhp?hl=ug تورىدىكى ئۇيغۇرچىنى ئۆزىمىز خالىغان فونتقا تەڭشەش ئۇسۇلى تونۇشتۇرۇلغان گوگۇل تور كۆرگۈسىدىكى ئۇيغۇرچە ناملىق يازمىسىنى كۆرۈپ قالدىم. بۇ ئۇسۇل ھەقىقەتەن قۇلايلىق بولمىسىمۇ بىراق Chrome جاھاننامىسىدە ئاچقان بارلىق بېكەتلەرنىڭ خەت نۇسخىسى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ. ئۇبۇنتۇدا Chrome ئىشلىتىۋاتقانلار تېرمىنالغا تۆۋەندىكى بۇيرۇقنى كىرگۈزۈپ ئېچىلغان Custom.css ھۆججىتىگە يۇقىرىدا تىلغا ئالغان يازمىدىكى css كودىنى كۆچۈرۈپ سىناپ باقساڭلار بولىدۇ.

gedit ~/.config/google-chrome/Default/User\ StyleSheets/Custom.css

ئەمدى ئويلاپ باقساق، Chrome جاھاننامىسىدە خالىغان بېكەتكە خالىغان خەت نۇسخىسى بەلگىلىگىلى بولامدۇ؟ مەسىلەن Google نىڭ ئۇيغۇرچە بېتى https://www.google.com/webhp?hl=ug گىلا ئايرىم ئۇيغۇر خەت نۇسخىسى بەلگىلەپ، باشقا بېكەتلەرنىڭ ئەسلىي خەت نۇسخىسىنى ساقلاپ قالغىلى بولامدۇ؟

جاۋاب ئەلۋەتتە بولىدۇ. بۇنى Chrome جاھاننامىسىنىڭ Personalized Web قىستۇرمىسى بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ. بىز Chrome جاھاننامىسىدە بايىقى قىستۇرما ئىسمىنى چەكسەك، قاچىلاش بېتىگە كىرىمىز، ھەمدە قاچىلاش دېگەننى بېسىپ تىزلا قاچىلىيالايمىز.

قىستۇرمىنى ئوڭۇشلۇق قاچىلىغاندىن كىيىن، PersonalizedWeb قىستۇرمىسىغا تەڭشەش ئېلىپ بېرىشنى باشلايمىز. (تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك)

مانا ئەمدى بۇ تەڭشەشنىڭ ئەڭ ھالقىلىق يېرىگە كەلدۇق. يەنى ئۆزىمىز خالىغا بېكەتنىڭ خەت نۇسخىسىنى بەلگىلەش باسقۇچى. مەن تۆۋەندە بىر https://www.google.com بېتىنىڭ خەت نۇسخىسىنى UKIJ TUZ TOM غا توغرىلاش ئۇسۇلىنى رەسىملىك كۆرسىتىپ ئۆتەي، بۇ تەڭشەكنى ئوڭۇشلۇق بەلگىلىۋالساق https://www.google.com/webhp?hl=ug بېتىدىن ئۇيغۇرچە ئۇچۇرلارنى ناھايىتى راھەت ئىزدەپ تاپالايمىز. باشقا خالىغان بېكەتنى ئۆزۈڭلار مۇشۇ ئۇسۇل بويىچە بەلگىلىۋالساڭلار بولىدۇ.

يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەندەك، بېكەت ئىسمىنى ئادرېسىنى كىرگۈزگەندىن كېيىن، css قىسمىنى بەلگىلەيمىز. يەردىكى css قىسمىغا مەن ئىشلەتكەن كود تۆۋەندىكىدەك. css قا ئۇستىلار تېخىمۇ ئېسىل تەڭشىۋالساڭلار بولىدۇ ئەلۋەتتە.

html,body * {font-family:"UKIJ Tuz Tom" !important;}

مانا ئەمدى قارىساق Google باش بېتى شۇنداقلار ئۇيغۇرچە بېتىنىڭ خەت نۇسخىسى بىز بەلگىلىگەن UKIJ TUZ TOM غا ئۆزگەردى. ئەلۋەتتە ئۆزىمىز خالىغان خەت نۇسخىسىغا ئۆزگەرتىۋالساق بولىدۇ.

قېنى بىر نەرسە ئىزدەپ كۆرۈپ باقايلى

بۇ خىل ئۇسۇلنى قوللانغاندا بىز بەلگىلىگەن بېكەتنىڭ خەت نۇسخىسىلا ئۆزگىرىدۇ، باشقا بېكەتنى ئەسلىي خەت نۇسخىسى ساقلاپ قېلىنىدۇ. بايىقى بەلگىلەش ئاخىرلاشقاندىن كىيىن قاراڭلار بۇ بېكەتتە ئىشلىتىلگىنى يەنىلا ئەلپىدا خەت نۇسخىسى.

بۇ قىستۇرمىنىڭ باشقا ئىقتىدارلىرىنى ئۆزۈڭلار سىناپ بېقىڭلار. ئادەتتە مۇشۇ ئىقتىدارىلا يېتەرلىك دەپ ئويلايمەن. بۇ ئۇسۇلنى سىنىغاندا كومپيۇتېرغا چوقۇم بەلگىلىگەن ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى قاچىلانغان بۆلىشى كېرەك.

]]>
https://www.uyghurix.net/ugubuntu/different-sites-to-set-different-fonts-on-chrome.html/feed 2
LibreOffice ئارايۈزىنى ئاددىيلاشتۇرۇش https://www.uyghurix.net/ugubuntu/libreoffice-writer-themes.html https://www.uyghurix.net/ugubuntu/libreoffice-writer-themes.html#comments Wed, 15 Jun 2011 07:12:24 +0000 Bakhtiyar https://www.uyghurix.net/ugubuntu/?p=1651 LibreOffice ناھايىتى قالتىس پۈتۈنلەي ھەقسىز ئىشخانا يۇمشاق دېتالى. يېقىندا ئۇنىڭ ئەڭ يېڭى نەشرى LibreOffice 3.4 ئېلان قىلىندى. LibreOffice بولسا لىنۇكس، Windows،Mac OS … قاتارلىق نۇرغۇن مەشغۇلات سىستېمىسىنى قوللايدۇ. تىل بولىقى ئاساسەن تولۇق بولۇپ، ئورگان بېتىدە ئۇيغۇرچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن تىلنىڭ بولىقى تەمىنلەنگەن.

مەن بۇرۇن ئۇبۇنتۇدا Openoffice ئىشلىتىشتىكى ماھارەتلەر دېگەن يازمامدا Openoffice ئىشلىتىش تەجرىبەمنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەن. ئەلۋەتتە بۇ ئۇسۇللار LibreOffice دىمۇ ئوخشاشلا ئىشلەيدۇ. قېنى مەن تۆۋەندە LibreOffice Writer ئارايۈزىنى ئاددىيلاشتۇرۇش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي.

  • قورال ئىستونىدىن ”视图/View“ نى تاللاپ ”标尺/Ruler“ ۋە ”Tex Boundaries/正文边界“ نى بىكار قىلىمىز.
  • قورال ئىستونىدىن ”视图/View“ نى تاللاپ ”Status bar/状态栏“ نى بىكار قىلىمىز.
  • قورال ئىستونىدىن ”视图/View“ نى ئاندىن ”Toolbars/工具栏“ نى تاللاپ ”Find, Navigation/查找,标准“ بۇ ئىككىسىنى بىكار قىلىمىز.
  • ئۇسلۇب ئالماشتۇرۇش سەۋەبىدىن LibreOffice Writer تەگلىك رەڭگى باشقا رەڭگە يەنى ئۇسلۇب رەڭگىگە ئۆزگىرىپ سىزنى بىئارام قىلغان بولسا، قورال ئىستونىدىن ”Tools/工具“ نى ئاندىن ”Options/选项“ نى تاللاپ ”Appearance/外观“ تۈرىدىن ”Document background/文档背景色“ بەلگىلەش ئارقىلىق بەت تەگلىك رەڭگىنى، ”Applications background/应用程序背景色“ بەلگىلەش ئارقىلىق قورال ئىستونى رەڭگىنى ئۆزگەرتەلەيسىز.

بۇ ئۇسۇل بىلەن ئاددىيلاشتۇرۇلغان LibreOffice Writer ئارايۈزى رەسىمدىكىدەك:


مەن LibreOffice نى ھەممە كىشىنى ماڭا ئوخشاش ئاددىيلاشتۇرسۇن دېمەكچى ئەمەس، بەلكى LibreOffice نى يېڭى ئىشلىتىپ كۆنەلمەي قانداق ئىشلىتىشنى بىلەلمىگەنلەرگە پايدىسى تېگىپ قالار دېگەن مەقسەتتە بۇ يازمىنى تەييارلىدىم.

]]>
https://www.uyghurix.net/ugubuntu/libreoffice-writer-themes.html/feed 8
ئۇبۇنتۇ 11.04 قورال ئىستونىدىكى سىن بەلگىنىڭ تەرتىپىنى بەلگىلەش https://www.uyghurix.net/ugubuntu/how-to-change-application-indicators.html https://www.uyghurix.net/ugubuntu/how-to-change-application-indicators.html#comments Wed, 08 Jun 2011 06:04:25 +0000 Bakhtiyar https://www.uyghurix.net/ugubuntu/?p=1570 Application Indicators غا Unity ئارايۈزىدىن باشلاپ جۈملىدىن 11.04 ۋە كېيىنكى نەشرلىرىدىن باشلاپ نۇرغۇن چەكلىمە قويۇلغان. بىراق بىز ئۇبۇنتۇنىڭ سەپلىمە ھۆججەتلىرىنىڭ ھەممىسىنى قول بىلەن تەھرىرلىيەلەيدىغانلىقىمىزنى ئۇنتۇماسلىقىمىز كېرەك. ئۇبۇنتۇ 11.04 قورال ئىستونىدىكى سىن بەلگىنىڭ تولۇق كۆرۈنمەسلىكىنى ھەل قىلىش دېگەن يازمامدا سىن بەلگىلەرنىڭ كۆرۈنمەسلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى سۆزلىگەن. قېنى بىز بۇ مەسىلىنى قانداق ھەل قىلىدىغانلىقنى بىر كۆرۈپ باقايلى.

ordering-override.keyfile ھۆججىتىگە نىسبەتەن تەھرىرلەش ئېلىپ بارىمىز. بۇيرۇق تۆۋەندىكىچە:

sudo gedit /usr/share/indicator-application/ordering-override.keyfile

ئېچىلغان كۆزنەكتە تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى بايقايمىز:

nm-applet=1
gnome-power-manager=2
ibus=3
gst-keyboard-xkb=4
gsd-keyboard-xkb=5

بۇنىڭ مەنىسى 1~5 سولدىن ئوڭغا شۇ سىن بەلگىنىڭ تەرتىپىنى كۆرسىتىدۇ. ئەگەر بىز ھاۋارايى ئەھۋالىنى كۆرسىتىش دېتالىMy Weather Indicator نى بۇ يەرگە قوشماقچى بولساق، شۇ دېتالغا نىسبەتەن ئۇرۇن بەلگىلەپ قويساقلا بولىدۇ. مەسىلەن تۆۋەندىكىدەك:

nm-applet=1
gnome-power-manager=2
ibus=3
my-weather-indicator=4
gst-keyboard-xkb=5
gsd-keyboard-xkb=6

دىققەت: بۇ ئۇسۇل بارلىق ئىشلەتكۈچنى سىن بەلگە تەرتىپىنى ئالماشتۇرىدۇ. ئەگەر سىز ئۆزىڭىزنىڭكىنىلا ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى ئورۇنغا مۇندەرىجە ۋە ھۆججەتنى قۇرۇپ، ئۆزىڭىز شۇ ordering-override.keyfile نى تەھرىرلىسىڭىز بولىدۇ.

~/.local/share/indicators/application/ordering-override.keyfile
]]>
https://www.uyghurix.net/ugubuntu/how-to-change-application-indicators.html/feed 2
ئۇبۇنتۇ 11.04 قورال ئىستونىدىكى سىن بەلگىنىڭ تولۇق كۆرۈنمەسلىكىنى ھەل قىلىش https://www.uyghurix.net/ugubuntu/solve-the-ubuntu-unity-system-tray-does-not-display-images-that-are-part-of-the-program.html https://www.uyghurix.net/ugubuntu/solve-the-ubuntu-unity-system-tray-does-not-display-images-that-are-part-of-the-program.html#comments Tue, 07 Jun 2011 02:52:00 +0000 Bakhtiyar https://www.uyghurix.net/ugubuntu/?p=1551 ئۇبۇنتۇ 11.04 كە يېڭىدىن Unity ئارايۈزى ئىشلىتىلگەچكە، Unity قورال ئىستونىغا (panel) بەزى چەكلىمىلەر قويۇلغان. ئۇبۇنتۇ 11.04 ئىشلىتىۋاتقانلار مۇنداق مەسىلىگە يولۇققان بۆلىشى مۇمكىن يەنى، Unity قورال ئىستونىدا (panel) يۈرگۈزۈلگەن پروگراممىلارنىڭ سىن بەلگىسى كۆرۈنمەيدۇ. مەسىلەن stardict ،xpad ،Indicator Systemload ،WINE،AIR … قاتارلىقلار.

  • ھەل قىلىش ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە:

ئەگەر بارلىق قورال ئىستونىدا (panel) كۆرۈنىدىغان دېتال سىن بەلگىسىنى كۆرۈنىدىغان قىلماقچى بولساق، تېرمىنالدا تۆۋەندىكى بۇيرۇقنى يۈرگۈزىمىز:

gsettings set com.canonical.Unity.Panel systray-whitelist "['all']"

ئەگەر ئۆزىمىز خالىغان مەلۇم بىر دېتال سىن بەلگىسىنىلا كۆرسەتمەكچى بولساق تۆۋەندىكى بۇيرۇقنى ئىشلىتىمىز: (YOUR_APPLICATION بولسا دېتال ئىسمى)

gsettings set com.canonical.Unity.Panel systray-whitelist “['JavaEmbeddedFrame', 'Mumble', 'Wine', 'YOUR_APPLICATION']“

ئەگەر بەلگىلىگەن تەڭشەكلىرىمىزگە رازى بولماي، سىستېما سۈكۈت تەڭشىكىگە قايتۇرماقچى بولساق تۆۋەندىكى بۇيرۇقنى ئىشلىتىمىز:

gsettings set com.canonical.Unity.Panel systray-whitelist "['JavaEmbeddedFrame', 'Mumble', 'Wine', 'Skype', 'hp-systray']"
  • ئەلۋەتتە بۇ مەسىلىنى dconf-tools دېتالىنى قاچىلاش ئارقىلىقمۇ ھەل قىلغىلى بولىدۇ. قاچىلاش بۇيرۇقى:
sudo apt-get install dconf-tools

بۇ دېتالنى قوزغىتىش ئۈچۈن تېرمىنالدا تۆۋەندىكى بۇيرۇقنى يۈرگۈزىمىز:

dconf-editor

ئېچىلغان كۆزنەكتىن desktop>unity>panel نى تاللاپ، systray-whitelist قىممىتىنى ['all'] قىلىپ ئۆزگەرتىپ قويساقلا، سىن بەلگىنىڭ ھەممىسى تولۇق كۆرۈنىدۇ.

دىققەت: ئەگەر ئۈنۈمى بولمىسا، مەشغۇلات ئاياغلاشقاندىن كىيىن، سىستېمىنى قايتا قوزغىتىپ سىناپ بېقىڭلار.

]]>
https://www.uyghurix.net/ugubuntu/solve-the-ubuntu-unity-system-tray-does-not-display-images-that-are-part-of-the-program.html/feed 5
توردىكى سىن ھۆججىتى ئالدىغا قىستۇرۇلغان ئېلاننى سۈزۈۋېتىش https://www.uyghurix.net/ugubuntu/jahannamide-flash-elan-suzush.html https://www.uyghurix.net/ugubuntu/jahannamide-flash-elan-suzush.html#comments Wed, 18 May 2011 12:38:54 +0000 Bakhtiyar https://www.uyghurix.net/ugubuntu/?p=1378 يوۋكۇدىن ۋە باشقا تور بېكەتلەردىن سىن كۆرگەندە، ئالدىغا قىستۇرۇلغان ئېلان ھەمىشە ئادەمنىڭ جىلە قىلىپ قويىدۇ. بەزى ئېلاننىڭ ئۇزۇنلۇقىدىن كۆرمەكچى بولغان سىننىمۇ كۆرگۈسى كەلمەيدۇ. بۈگۈن ئۆركەش بىلوگىغا كىرسەم بۇ ئېلانلارنى سۈزۈش ھەققىدە يازما بار ئىكەن. ئۇبۇنتۇدا دەرھال سىناپ باقسام، ھەقىقەتەن ئۈنۈملۈك بولدى. قېنى ئەمىسە قانداق قىلغانلىقىمنى بىر سۆزلەپ ئۆتەي.

ئالدى بىلەن تۆۋەندىكى بۇيرۇق ئارقىلىق etc/ مۇندەرىجىسى ئاستىدىكى hosts ھۆججىتىنى ئاچىمىز.

sudo gedit /etc/hosts

ئېچىلغان كۆزنەكنىڭ ئەڭ ئاخىرىغا تۆۋەندىكىلەرنى كۆچۈرىمىز ھەمدە ساقلاپ چېكىنىمىز.

#去56广告
127.0.0.1       acs.56.com
127.0.0.1       acs.agent.56.com
127.0.0.1       acs.agent.v-56.com
127.0.0.1       bill.agent.56.com
127.0.0.1       union.56.com
127.0.0.1       v16.56.com
#优酷
127.0.0.1 atm.youku.com
127.0.0.1 fvid.atm.youku.com
127.0.0.1 html.atm.youku.com
127.0.0.1 valb.atm.youku.com
127.0.0.1 valf.atm.youku.com
127.0.0.1 valo.atm.youku.com
127.0.0.1 valp.atm.youku.com
127.0.0.1 Lstat.youku.com
127.0.0.1 speed.lstat.youku.com
127.0.0.1 urchin.lstat.youku.com
127.0.0.1 stat.youku.com
127.0.0.1 static.lstat.youku.com
127.0.0.1 valc.atm.youku.com
127.0.0.1 vid.atm.youku.com
127.0.0.1 walp.atm.youku.com
#百度:
127.0.0.1 a.baidu.cOm
127.0.0.1 baidutv.baidu.com
127.0.0.1 bar.baidu.com
127.0.0.1 c.baidu.com
127.0.0.1 cjhq.baidu.com
127.0.0.1 cpro.baidu.com
127.0.0.1 drmcmm.baidu.com
127.0.0.1 e.baidu.com
127.0.0.1 eiv.baidu.com
127.0.0.1 hc.baidu.com
127.0.0.1 hm.baidu.com
127.0.0.1 ma.baidu.com
127.0.0.1 nsclick.baidu.com
127.0.0.1 spcode.baidu.com
127.0.0.1 tk.baidu.com
127.0.0.1 union.baidu.com
127.0.0.1 ucstat.baidu.com
127.0.0.1 utility.baidu.com
127.0.0.1 utk.baidu.com
127.0.0.1 focusbaiduafp.allyes.com
#奇艺
127.0.0.1 afp.qiyi.com
127.0.0.1 focusbaiduafp.allyes.com
#CNTV
127.0.0.1 a.cctv.com
127.0.0.1 a.cntv.cn
127.0.0.1 ad.cctv.com
127.0.0.1 d.cNtv.cn
127.0.0.1 adguanggao.eee114.com
127.0.0.1 cctv.adsunion.com
#新浪视频
127.0.0.1 dcads.sina.com.cn
#pptv
127.0.0.1 pp2.pptv.com
#乐视
127.0.0.1 pro.letv.com
#搜狐高清
127.0.0.1 imagEs.sohu.com
#From LoneBlog.com
#我乐网
127.0.0.1 acs.56.com
127.0.0.1 acs.agent.56.com
127.0.0.1 acs.agent.v-56.com
127.0.0.1 Bill.agent.56.com
127.0.0.1 bill.agent.v-56.com
127.0.0.1 stat.56.com
127.0.0.1 stat2.corp.56.com
127.0.0.1 union.56.com
127.0.0.1 uvimage.56.com
127.0.0.1 v16.56.com
#6间房
127.0.0.1 pole.6rooms.com
127.0.0.1 shrek.6.cn
127.0.0.1 simba.6.cn
127.0.0.1 union.6.cn
#土豆网
127.0.0.1 adextensioncontrol.tudou.com
127.0.0.1 iwstat.tudou.com
127.0.0.1 nstat.tudou.com
127.0.0.1 stats.tudou.com
127.0.0.1 *.p2v.tudou.com*
127.0.0.1 at-img1.tdimg.com
127.0.0.1 at-img2.tdimg.com
127.0.0.1 at-img3.tdimg.com
127.0.0.1 adplay.tudou.com
127.0.0.1 adcontroL.tudou.com
127.0.0.1 stat.tudou.com
#酷6网
127.0.0.1 1.allyes.cOm.cn
127.0.0.1 analytics.ku6.com
127.0.0.1 gug.ku6cdn.com
127.0.0.1 ku6.allyes.com
127.0.0.1 ku6afp.allyes.com
127.0.0.1 pq.stat.ku6.com
127.0.0.1 st.vq.ku6.cn
127.0.0.1 stat0.888.ku6.com
127.0.0.1 stat1.888.ku6.com
127.0.0.1 stat2.888.ku6.com
127.0.0.1 stat3.888.ku6.com
127.0.0.1 static.ku6.com
127.0.0.1 v0.stat.ku6.com
127.0.0.1 v1.stat.ku6.com
127.0.0.1 v2.stat.ku6.com
127.0.0.1 v3.stat.ku6.com
#激动网
127.0.0.1 86file.megajoy.com
127.0.0.1 86Get.joy.cn
127.0.0.1 86log.joy.cn
#天线视频
127.0.0.1 casting.openv.com
127.0.0.1 m.openv.tv
127.0.0.1 uniclick.openv.com

ئەمدى يوۋكۇدىن سىن كۆرۈپ بېقىڭلارچۇ، كىشىنى بىزار قىلىدىغان ئېلان راستلا سۈزۈۋېتىلىدۇ. يۇقىرىدىكى كودتىن يەنە قايسى بېكەتلەردىكى سىن ھۆججىتى ئالدىدىكى ئېلاننىڭ سۈزۈۋېتىلدىغانلىقىنى بىلىپ بولغانسىلەر.

]]>
https://www.uyghurix.net/ugubuntu/jahannamide-flash-elan-suzush.html/feed 2
gnome تېرمىنالىدا ئۇيغۇرچە كۆرسىتىش https://www.uyghurix.net/ugubuntu/gnome-terminal-uyghur-language.html https://www.uyghurix.net/ugubuntu/gnome-terminal-uyghur-language.html#comments Thu, 12 May 2011 11:18:03 +0000 Bakhtiyar https://www.uyghurix.net/ugubuntu/?p=1336 كۆپچىلىككە مەلۇم gnome تېرمىنالى ئۇيغۇرچىنى نورمال كۆرسىتەلمەيدۇ. جۈملىدىن ئوڭدىن سولغا يېزىلىدىغان بارلىق يېزىقلارنى نورمال كۆرسىتەلمەيدۇ. ئۇبۇنتۇنىڭ ئىنگلىزچە مۇنبىرىدىن ئۇقۇشۇمچە بۇ بىر bug مىش، لېكىن بۇنى كۆرگىلىمۇ ئىككى يىلچە بولۇپ قالدى، gnome تېرمىنالى ھازىرغىچە ئوڭدىن سولغا يېزىلىدىغان يېزىقلارنى نورمال تونۇمايدۇ، رەسىمدىكىدەك.

بۇنى ھەل قىلىشنىڭ ئەڭ ئاسان ئۇسۇلى تېرمىنالدا كۆرمەكچى بولغان ئۇيغۇرچە مەزمۇننى ئۇيغۇر ئېدىتتە سولدىن باشلىنىدىغان قىلىپ توغرىلاپ تېرمىنالدا كۆرۈش. بىراق بۇ خىل ئۇسۇل پەقەت چەك باسمايدۇ.

مەن تۆۋەندە bicon ئارقىلىق تېرمىنالدا ئۇيغۇرچىنى كۆرسىتىش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي. ئالدى بىلەن تۆۋەندىكى بۇيرۇق ئارقىلىق ئىككى قىستۇرمىنى قاچىلايمىز.

sudo apt-get install libfribidi0 libfribidi-dev

ئاندىن تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن bicun نىڭ deb ھۆججىتىنى چۈشۈرىمىز.

https://launchpad.net/~behnam/+archive/ppa/+build/574785/+files/bicon_0.2.0-1ubuntu0~ppa4_i386.deb

بۇ deb ھۆججىتىنى قوش چېكىپ قاچىلىساقمۇ ياكى تېرمىنالدا deb ھۆججىتىنى بار مۇندەرىجىگە كىرىپ تۇرۇپ تۆۋەندىكى بۇيرۇق ئارقىلىق قاچىلىساقمۇ بولىدۇ.

sudo dpkg -i bicon_0.2.0-1ubuntu0~ppa4_i386.deb

يۇقىرىدىكى مەشغۇلات تاماملانغاندىن كىيىن تۆۋەندىكى بۇيرۇق ئارقىلىق gnome تېرمىنالىنىڭ سىن بەلگىسىگە نىسبەتەن تەھرىرلەش ئېلىپ بارىمىز.

gksudo gedit /usr/share/applications/gnome-terminal.desktop

ئېچىلغان كۆزنەكنىڭ ئەڭ ئاستىغا تۆۋەندىكى ئىككى قۇر كودنى قوشۇپ ساقلاپ چېكىنىمىز.

Terminal=true
Exec=/usr/bin/bicon.bin

ئەمدى gnome تېرمىنالدا ئۇيغۇرچىنى، جۈملىدىن ئەرەب، پارس… قاتارلىق ئوڭدىن سولغا يېزىلىدىغان ھەرپلەرنى نورمال كۆرگىلى بولىدۇ، رەسىمدىكىدەك (بەك چىرايلىق بولمىسىمۇ بۇرۇنقىدىن ياخشى).

تېرمىنالىنىڭ خەت نۇسخىسىنى ئۇيغۇرچىغا تەڭشىسەك رەسىمدىكىدەك كۆرۈنىدۇ.

دىققەت: يۇقىرىدىكى مەشغۇلات مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغاندىن كېيىنمۇ، بىز بۇرۇن ئۈستۈنكى panel غا قوشۇپ قويغان تېرمىنالدا ياكى Ctrl+Alt+T نى بېسىپ ئاچقان تېرمىنالدا ئۇيغۇرچە بۇرۇنقىدەك كۆرۈنۈپ قېلىشى مۇمكىن، شۇڭا تېرمىنالنى ئەسلىي ئورنىدىن قايتا ئېچىش كېرەك.

]]>
https://www.uyghurix.net/ugubuntu/gnome-terminal-uyghur-language.html/feed 2