ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت > يۇمشاق دېتال تەۋسىيىسى > مەزمۇنى
ھاۋارايى ئەھۋالىنى كۆرسىتىش دېتالى
ئېلان قىلىنغىلى353 كۈن بولدى / يۇمشاق دېتال تەۋسىيىسى / دىۋان بىكار / كۆرۈلگىنى 811+

My Weather Indicator بولسا ناھايىتى قالتىس ھاۋارايى ئەھۋالىنى كۆرسىتىش دېتالى.
ئالاھىدىلىكى:

  • ئىزدىگىلى بولىدىغان رايون كۆپ
  • بىر نەچچە كۈننىڭ ھاۋارايى ئەھۋالىدىن ئالدىن مەلۇمات بېرىدۇ
  • مەلۇماتى ئىنتايىن تەپسىلىي

ئۇنىڭ قوزغاتقاندىن كىيىن ئۈستۈنكى قورال ئىستونىدا كۆرۈنىدۇ، ئىشلىتىش ئەپلىك. سىستېما قوزغالغاندا ئاپتوماتىك قوزغىلىدىغان قىلىپ تەڭشەپ قويساق تېخىمۇ قۇلايلىق.

بۇ يەردىن Forcast نى بېسىش ئارقىلىق بىر نەچچە كۈننىڭ ھاۋارايى ئەھۋالىدىن ئالدىن خەۋەردار بولالايمىز (تاللىغىلى بولمىسا New Moon نى تاللايمىز).

ئىزدىگىلى بولىدىغان رايون كۆپ بولۇپ، ئۆز ئورنىمىزنى ناھايىتى تىزلا بەلگىلىيەلەيمىز.

تۈر ئورگان بېتى: https://launchpad.net/~atareao/+archive/atareao

PPA مەنبەسىدىن قاچىلاش بۇيرۇقى:

sudo add-apt-repository ppa:atareao/atareao
sudo apt-get update
sudo apt-get install my-weather-indicator

无觅相关文章插件,快速提升流量

ئىنكاس يېزىش

سۈرىتىڭىز يوقما؟


تاقاش×